Skip to content
Home » كىتابلاردىن: نۇھنىڭ بەلگىسى

كىتابلاردىن: نۇھنىڭ بەلگىسى

قۇرئان

Taurat

(ھۇد) سۈرىسى 11: 25-48

شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭ قاتتىق كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى.
ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر كاتتىلىرى: «بىزنىڭچە، سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن ، بىزنىڭچە، ئارىمىزدىكى پەس كىشىلەر يەڭگىللىك بىلەن ساڭا ئەگەشكەن، بىزنىڭچە، سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، بەلكى بىز سىلەرنى يالغانچى دەپ ئويلايمىز» دېدى.
نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان (دەۋىتىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە (يەنى پەيغەمبەرلىككە) سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، سىلەر ئۇنى يامان كۆرسەڭلار، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟
ئى قەۋمىم! سىلەرگە (دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل ـ مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى (يېنىمدىن) قوغلىۋەتمەيمەن. (چۈنكى) ئۇلار، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن.
ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟.
مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، غەيبنى بىلىمەن، دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە (ئۆزۈمنى) پەرىشتە دەپمۇ ئېيتمايمەن ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق بەرمەيدۇ دېمەيمەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، بولمىسا مەن چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن».
ئۇلار(يەنى نۇھنىڭ قەۋمى): «ئى نۇھ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دېدى.
نۇھ ئېيتتى: «ئۇنى (يەنى ئازابنى) ئەگەر خالىسا پەقەت ئاللاھلا چۈشۈرەلەيدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر».
ياكى ئۇلار (يەنى قۇرەيشنىڭ كاپىرلىرى) قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان دېيىشەمدۇ؟ «ئەگەر ئۇنى مەن ئويدۇرۇپ چىققان بولسام، ئۆز گۇناھىمغا ئۆزۈم مەسئۇل، مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامەن» دېگىن.
نۇھقا (مۇنداق) ۋەھىي قىلىندى: «قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئېيتقۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن قايغۇرمىغىن.
بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھىيمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن ، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ».
نۇھ كېمە ياساۋاتاتتى، قەۋمىنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ھەر قېتىم ئۆتكەندە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى. نۇھ ئېيتتى: « سىلەر (بۈگۈن) بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار (كېلەچەكتە سىلەر غەرق قىلىنغاندا)، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز.
خار قىلغۇچى ئازاب (يەنى توپان بالاسى بىلەن غەرق بولۇش) نىڭ كىمنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى، دائىمىي ئازاب(يەنى جەھەننەم ئازابى) نىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى كېلەچەكتە بىلىسىلەر».
(توپان بالاسى توغرىسىدىكى) بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە يەر يۈزىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا: «كېمىگە ھايۋاناتلاردىن (ئەركەك، چىشى بولۇپ) بىر جۇپتىن ئېلىۋالغىن، ­­_ ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن ھالاك بولۇشى ھۆكۈم قىلىنغانلار (يەنى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ۋائىلە بىلەن ئوغلى كەنئان) بۇنىڭ سىرتىدا _ ۋە ئىمان ئېيتقانلار بىلەن كېمىگە چىققىن» دېدۇق، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئازغىنا كىشىلەر ئىمان ئېيتتى.
نۇھ (ئىمان ئېيتقان تەۋەلىرىگە) ئېيتتى: «كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر».
كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈپ باراتتى، نۇھ كېمە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆزىدىن يىراقتا تۇرغان ئوغلىنى: «ئى ئوغلۇم، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن» دەپ توۋلىدى.
ئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچ ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى ـ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى.
«ئى زېمىن! سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت، تارقىغىن» دېيىلدى ، سۇ سوغۇلدى، ئاللاھنىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى.
نۇھ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «پەرۋەردىگارىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى (سەن ماڭا ئۇلارنىڭ نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان ئىدىڭ)، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى.
ئاللاھ ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئۇ(مەن نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان) ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلى ياماندۇر، سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن، مەن سېنىڭ جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن».
نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سىغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە رەھىم قىلمىساڭ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن».
ئېيتىلدى (يەنى ئاللاھ ئېيتتى): «ئى نۇھ! ساڭا، سەن بىلەن (كېمىدە) بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا بىز تەرەپتىن نازىل بولغان ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن (كېمىدىن) چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى (ھاياتىي دۇنيادىن) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ».

(الاعراف) 7: 59-64

59.شەك – شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: ‹‹ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن›› دېدى.

60.قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: ‹‹بىز سېنى ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا كۆرۈمىز›› دېدى.

61.نۇھ ئېيتتى: ‹‹ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن.

62.سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ئاللاھنىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن

63.سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفرىدىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھىيسى كېلىشىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟››

64.ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور قەۋم ئىدى.

يارىتىلىش 6-8

6
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىنسانلار يەر يۈزىدە كۆپىيىشكە باشلىغاندا، شۇنداقلا قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغاندا، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، خالىغانچە تاللاپ، ئۆزلىرىگە خوتۇن قىلىشقا باشلىدى.

ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ
ــ مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋەرمەيدۇ؛ چۈنكى ئىنسان ئەتتۇر، خالاس. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن! ــ دېدى.

شۇ كۈنلەردە (ۋە شۇنداقلا كېيىنكى كۈنلەردىمۇ)، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلاردىن بالىلارنى تاپقىنىدا، گىگانتلار يەر يۈزىدە پەيدا بولدى. بۇلار بولسا قەدىمكى زامانلاردىكى داڭلىق پالۋان-باتۇرلار ئىدى.
پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان رەزىللىكى يەر يۈزىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنىڭ ھەرقاچان يامان بولۇۋاتقىنىنى كۆردى.   شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە ئادەمنى ئاپىرىدە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، كۆڭلىدە ئازابلاندى. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار: ــ
ئۆزۈم ياراتقان ئىنساننى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن ــ ئىنساندىن تارتىپ مال-چارۋىلارغىچە، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلاردىن ئاسماندىكى قۇشلارغىچە، ھەممىسىنى يوق قىلىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى ياراتقىنىمغا پۇشايمەن قىلدىم، ــ دېدى.
لېكىن نۇھ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شەپقەت تاپقانىدى.
نۇھنىڭ كېمە ياسىشى
نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ
نۇھ ھەققانىي، ئۆز دەۋرىدىكىلەر ئارىسىدا ئەيىبسىز ئادەم ئىدى؛ نۇھ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى.   10 نۇھتىن شەم، ھام، يافەت دېگەن ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى.
11 پۈتكۈل جاھان خۇدانىڭ ئالدىدا رەزىللىشىپ، ھەممە يەر زوراۋانلىققا تولۇپ كەتكەنىدى. 12 خۇدا يەر يۈزىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، جاھان رەزىللەشكەنىدى؛ چۈنكى بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ يەر يۈزىدە قىلىۋاتقىنى يۇزۇقچىلىق ئىدى.

13 شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: ــ

مانا، ئالدىمغا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ زاۋاللىقى يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پۈتكۈل يەر-جاھاننى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن زوراۋانلىق قاپلىدى. مانا، مەن ئۇلارنى يەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمەن. 14 ئەمدى سەن ئۆزۈڭگە گوفەر ياغىچىدىن بىر كېمە ياساپ، كېمىنىڭ ئىچىدە بۆلمە-خانىلارنى قىلىپ، ئىچى-تېشىنى قارىماي بىلەن سۇۋا. 15 سەن ئۇنى شۇنداق ياسىغىن: ــ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ يۈز گەز، كەڭلىكى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز بولسۇن. 16 كېمىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا بىر ئوچۇقچىلىق ياسا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز بولسۇن؛ ئىشىكىنى كېمىنىڭ يېنىفا ئورۇنلاشتۇر؛ كېمىنى ئاستى، ئوتتۇرا ۋە ئۈستى قىلىپ ئۈچ قەۋەت ياسا.
17 چۈنكى مانا، مەن ئۆزۈم ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھاياتلىق تىنىقى بارلىكى ھەربىر ئەت ئىگىسىنى ھالاك قىلىدىغان سۇ توپاننى يەر يۈزىگە كەلتۈرىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق مەخلۇقلار تىنىقىدىن توختايدۇ. 18 لېكىن سەن بىلەن ئەھدەمنى تۈزىمەن. سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، ئايالىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ بىرلىكتە كېمىگە كىرىڭلار. 19 ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بارلىق جاندارلاردىن ھەرقايسىسىدىن بىر جۈپ، يەنى ئەركىكىدىن بىرىنى، چىشىدىن بىرىنى كېمىگە ئېلىپ كىرگىن؛
20 تىرىك قېلىش ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن، مال-چارۋىلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن ۋە يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن بىر جۈپى قېشىڭغا كىرىدۇ. 21 ئۆزۈڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن ھەرخىل يېمەكلىكلەردىن ئېلىپ، يېنىڭغا غەملىگىن، ــ دېدى.
22 نۇھ شۇنداق قىلدى؛ خۇدا ئۆزىگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشنى ئۇ بەجا كەلتۈردى.
توپاننىڭ يېنىشى
8
خۇدا نۇھنى، شۇنداقلا كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بارلىق مال-چارۋىلارنى ئەسلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا بىر شامال چىقىرىپ يەر يۈزىنى يەلپۈتتى ۋە سۇلار يېنىشقا باشلىدى. چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ تەگلىرىدىكى بۇلاقلار ۋە ئاسماننىڭ پەنجىرىلىرى ئېتىلىپ، ئاسماندىن تۆكۈلگەن يامغۇر توختىدى. سۇلار بارغانسېرى يەر يۈزىدىن ياندى؛ بىر يۈز ئەللىك كۈن ئۆتكەندىن كېيىن خېلى ئازلىدى.
يەتتىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، كېمە ئارارات تاغ تىزمىلىرىدىكى بىرىنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالدى.
سۇلار ئونىنچى ئايغىچە بارغانسېرى ئازىيىپ، ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تاغ چوققىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
قىرىق كۈندىن كېيىن نۇھ كېمىگە ئۆزى ئورناتقان دەرىزىنى ئېچىپ، بىر قۇزغۇننى سىرتقا چىقاردى. ئۇ يەر يۈزىدىكى سۇلار تارتىلىپ بولغۇچە ئۇيان-بۇيان ئۇچۇپ يۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن نۇھ سۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن تارتىلغان-تارتىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بىر كەپتەرنى چىقاردى. لېكىن سۇلار تېخىچە پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلاپ تۇرغاچقا، كەپتەر پۇتىنى قويغۇدەك جاي تاپالماي، نۇھنىڭ قېشىغا كېمىگە يېنىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇھ قولىنى سۇنۇپ ئۇنى تۇتۇپ، كېمىگە ئەكىرىۋالدى. 10 ئۇ يەتتە كۈن ساقلاپ، بۇ كەپتەرنى كېمىدىن يەنە سىرتقا چىقاردى. 11 كەپتەر كەچتە ئۇنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلدى؛ مانا، ئۇنىڭ تۇمشۇقىدا يېڭى ئۈزۈۋالغان زەيتۇن يوپۇرمىقى بار ئىدى. بۇنى كۆرۈپ نۇھ سۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن تارتىلغىنىنى بىلدى. 12 ئۇ يەنە يەتتە كۈن ساقلاپ، كەپتەرنى يەنە سىرتقا چىقاردى، ئەمما بۇ قېتىم كەپتەر ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلمىدى.
13 نۇھ ئالتە يۈز بىر ياشقا كىرگەن يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە سۇ يەر يۈزىدىن قۇرۇغانىدى. نۇھ كېمىنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ قارىۋىدى، يەرنىڭ قۇرۇغىنىنى كۆردى. 14 ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى، يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولدى.
15‏-16 ئۇ ۋاقىتتا خۇدا نۇھقا سۆز قىلىپ: ــ سەن ئۆزۈڭ، ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭ كېمىدىن چىقىڭلار. 17 ئۆزۈڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ئەت ئىگىلىرىدىن ھەربىر تۈردىكى جانىۋارلارنى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنى ھەم مال-چارۋىلارنى، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ كېمىدىن ئېلىپ چىققىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ، نەسىللىنىپ زېمىندا كۆپەيسۇن، ــ دېدى.
18 شۇنىڭ بىلەن نۇھ، ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرى بىلەن بىللە سىرتقا چىقتى. 19 جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى، بارلىق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار، بارلىق ئۇچار-قاناتلار، يەردە مىدىرلاپ يۈرىدىغانلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز تۈرلىرى بويىچە كېمىدىن چىقىشتى.
نۇھنىڭ خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇنۇشى
20 شۇ چاغدا نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھنى ياسىدى؛ ئۇ ھالال جانىۋارلار بىلەن ھالال قۇشلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئېلىپ كېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ئۆتكۈزدى.   21 شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار خۇشبۇي پۇراپ مەمنۇن بولدى؛ پەرۋەردىگار كۆڭلىدە: ــ «ئىنساننىڭ كۆڭۈل-نىيىتى ياشلىقىدىن تارتىپ رەزىل بولسىمۇ، مەن ئىنسان تۈپەيلىدىن يەرگە يەنە لەنەت ئوقۇمايمەن ۋە ئەمدى بۇ قېتىمقىدەك ھەممە جاندارلارنى ئۇرۇپ يوقىتىۋەتمەيمەن.  
22 بۇندىن كېيىن، يەر مەۋجۇت كۈنلىرىدە،
تېرىش بىلەن ئورما،
سوغۇق بىلەن ئىسسىق،
ياز بىلەن قىش،
كۈندۈز بىلەن كېچە ئۈزۈلمەي ئايلىنىپ تۇرىدۇ» ــ دېدى.